ئۇيغۇر ئېلىپبەسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
ئۇيغۇر ئېلىپبەسى، تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ھۆججەت، ۋەسىقە، تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى خاتىرلەشتە قوللانغان يېزىقلار بولۇپ، ئۇيغۇرلار
ئوخشىمىغان تارىخى دەۋىرلەردە ئوخشىمىغان يېزىقلار ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇلار تۈرك - رۇنىك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، خاقانىيە ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، ئۇيغۇر كونا يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى، ئۇيغۇر كرىل يېزىقى (قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا) قاتارلىقلار.
بۇگۈن ئۇيغۇرلار سەككىز سوزۇق تاۋۇش ۋە 24 ئۈزۈك تاۋۇشتىن ئىبارەت بىر ئېلىپبە قوللانماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ئۈچ خىل يېزىق شەكلى قوللانماقتا.
- ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى (UEY)
- لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY)
- كرىل ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كرىل يېزىقى (USY)
بۇلاردىن باشقا 20- ئەسرنىڭ 60- يىللىرىدىن 80- يىللىرىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوللىنىلغان پىنيىن ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى (Uyƣur Yengi Yeziⱪi \ UYY)، ئاللىبۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.