لايقا يېزىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
لايقا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيىسى گە، خوتەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، قاراقاش دەرياسى نىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، خوتەن ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 21 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرق تەرىپى بۇزاق يېزىسى بىلەن قوشنا، غەرب تەرپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، جەنۇبتا لاڭرۇ يېزىسى، شىمالدا باغچى بازىرىبىلەن تۇتىشىدۇ. يېزا كۆلىمى 30.44 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 8 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 16 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا تەۋەلىكىنى جەمئىي 17 مەمۇرىي كەنىت قاپلاپ تۇرىدۇ، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، بىر تەرەققىيات رايونى، 124 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، نوپۇس سانى 6440 ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 41775 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 1.1 مو؛ دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى باغۋەنچىلىك، ياڭاق، ئائىلىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىقلاردىن كىرىدۇ .2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1.0977 مىلىيۇن يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4421.09 يۈەنگە يەتكەن.
لايقا يېزىسى
拉依喀乡.Layqa town | |
خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | خوتەن ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 19 دانە |
نوپۇس | 30 مىڭ |
يەر مەيدانى | 30.5 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 903(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新R |
تور بېكەت | خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |