بۈيۈك بېرىتانىيە
From Wikipedia, the free encyclopedia
بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى (ئىنگ: United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland)، ياۋروپانىڭ غەربىگە جايلاشقان، بۈيۈك بېرتانىيە ئارىلىنىڭ تامامىنى، ئىرلاندىيە ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە بەئزى باشقا بېرتانىيە ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت. دۆلەت ئىسمى، دۆلەت ئىچىدە بولسۇن ياكى خەلقئارادا بولسۇن بىرلەشمە پادىشاھلىق (ئىنگ: United Kingdom) دەپ بىلىنىدۇ. بەزىدە بۈيۈك بېرتانىيە (ئىنگ: Great Britain) شەكلىدىمۇ ئەنگىلىيەگە ئىشارە قىلىنىدۇ. بىرلەشمە پادىشاھلىقنى تەشكىل قىلغۇچى ئۇنسۇرلاردىن بىرى، ئەڭ تەرەققىي قىلغان ۋە ئەڭ نۇپۇس كۆپ دۆلەت بولغان ئەنگىلىيەنىڭ ئىسمىمۇ بەئزى بەئزىدە رەسمىي قاناللاردا بىرلەشمە پادىشاھلىق مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. بۇ دۆلەت ئۇيغۇرلاردا بولسا ئەڭ كۆپ ئەنگىلىيە دەپ بىلىنىدۇ. خەلقىغە بولسا ئەنگىلىيىلىك ياكى بېراتانىيىلىك (ئىنگ: British) دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداقلا ئىنگىلىز كەلىمىسىمۇ خەلقئارادا كەڭ قوللىنىلىدۇ.
بۈيۈك بېرتانىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى
United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland | |
گېرب | بايراق |
---|---|
بۈيۈك بېرتانىيەنىڭ ياۋروپا خەرىتىسىدىكى ئورنى | |
شۇئارى: ''Dieu_et_mon_droit''(ڧرانسوزچە)
God and my right (تەڭرى ۋە ھەققىم) God Save the King | |
پايتەخت
- ئەڭ چوڭ شەھرى |
لوندۇن |
بىلىنگەن ئاتى | ئەنگىلىيە |
قۇرۇلىشى | 24 مارت 1603 |
رەسمى تىل
ئىتىراپ قىلىنغان تىللار |
ئىنگىلىزچە
گالچە، ئىرلاندىيەچە، شوتلاندىيەچە شىۋىلىرى، كەرنەۋەكچە، مانكىسچە |
ئېتنىك بۇدۇنلار
|
* 87.1% ئاق تەنلىكلەر
|
ھۆكۈمەت | |
خاراكتېرى | پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم |
ئايال پادىشاھ | Charles III |
باش مېنىستېر (زۇڭلى) | Rishi Sunak |
باشقا ئۇچۇرلار | |
يەر مەيدانى
- سۇ ساھەسى(%) |
242.495 كلومتر² (78.)
93.628 ئىنگلىز مىل² 1.34 |
نۇڧۇس(2016 تەخمىنەن)
- 2011 رەسمى ساناق - زىچلىقى |
65,102,385 جان(22.)
63,181,775 جان (22.) 255.6/كلومتر²(55نچى) |
ئ.ئ.ۇ.ق(2015)
- كىشى باشى |
2.679 تىرىلىيون دوللار (9.)
41,159 $ (دوللار)(25.) |
پۇل بىرلىكى | پوند ستىرلىڭ (£) (GBP) |
كالىندار | |
قاتناش يۆنلىشى | سول |
ۋاقىت رايۇنى
-ياز |
گ.ۋ (UTC+0)
ئە.ي.س(UTC+1) |
ئىنتېرنېت | uk. |
خەلقئارالىق تېلېفۇن كودى | 44+ |
بىرلەشمە پادىشاھلىق تۆرت دۆلەتتىن تەشكىل تاپىدۇ. ۋېلش، ئەنگىلىيە، شوتلاندىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيە قاتارلىقلار. بۇ دۆلەتلەردىن ئىرلاندىيە ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى شىمالىي ئىرلاندىيەدىن باشقا ھەممىسى بۈيۈك بېرتانىيە ئارىلىغا جايلاشقان. بۇلاردىن باشقا پادىشاھلىققا تەۋە چوڭ كىچىك نۇرغۇن ئارىلى بار. ۋايت ئارىلى، لۇندي، سىللىي ئاراللىرى، ئانگلېسي ۋە ھېبرىد ئاراللىرى، ئوركنېي ئاراللىرى ۋە شوتلاند ئاراللىرى بۇلاردىن بەزىلىرىدۇر.
مان ئارىلى ۋە مانش ئاراللىرى (جېرسېي، گۇېرنسېي، ئالدېرنېي ۋە سارك) جۇغراڧىيلىك ھالدا پادىشاھلىققا باغلىق بولسىمۇ، رەسمىي شەكىلدە ئالاھىيدە دەرىجىگە ئىگە. رەسمىي شەكىلدە پادىشاھلىقنىڭ پارچىسى ھېساپلانمايدۇ. لېكىن مونارخىيلىك باغلىقدۇر. (ئىنگ: Dependencies of the Crown) بۇ ئاراللار ياۋروپا بىرلىكىگە تەۋە ئەمەس.
بىرلەشمە پادىشاھلىق، بىرتانىيە ئىمپېرىيسى دەۋرىدە زېمىنىنىڭ چوڭلىقىدىن "كۈن ئولتۇرمايدىغان ئىمپېرىيە" دەپ ئاتالغانىدى.